ئۇيغۇر ئۈمىد ئ‍نسانپەرۋەرلىكى (Uyghur Hope)


Uyghur Hope-Icon

Uyghur Hope Humanitarian Center

!ئۇيغۇر ياردەمسز قالمايدۇ !ئۇيغۇرغا ئۇيغۇر ياردەم قىلالايدۇ

ئۇيغۇر ئۈمىد-ئۇيغۇرغا ئۈمىدتۇر

ئۇيغۇر ئۈمىد ئ‍نسانپەرۋەرلىك مەركىزى-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنېۋرسال ياردەم مەركىزى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن، پسخىكا، كۆچمەنلىك، مائارىپ، داۋالىنىش، يېمەك-ئ‍ىچمەك، تۇرالغۇ، تۇرمۇش قاتارلىق ساھەلەردە دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىينچىلىقىغا ئائىت ئۇچۇر-ئالاقە،مەنبە، شەخس، ئورگانلار ھەققىدە تونۇشتۇرۇش، تەۋسيە ۋە مەسلىھەت بىرىش، ئۇچراشتۇرۇش، ياردەم توپلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ياردەم قىلىش، ئۆز-ئارا مىھىرى-مۇھەببەت، مۇناسۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئورگان بولۇپ، سياسى تەشكىلات ئەمەستۇر

قۇرغۇچى : تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان.قۇرۇلغان ۋاقتى: 2024-يىلى 5-ئاي

غايىمىز: قىينچىلىقىتا قالغان ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇرنىڭ مىھرى ۋە ياردىمىنى يەتكۈزۈش!

بىزگە ياردەمگە مۇھتاج كىشلەر بىلەن ياردەم قىلالايدىغان ياكى مەسلىھەت بىرەلەيدىغان كىشلەرنى باغلاشنى ئۈمىد قىلىمىز

سۇئال-جاۋاپلار؟

ئۇيغۇر ئۈمىد-ئ‍نسانپەرۋەرلىك مەركىزى قانداق ئورگان؟

بىز-پەقەت ياردەمگە مۇھتاج كىشلەرنى ياردەم قىلالايدىغان شەخس ياكى ئورگان بىلەن باغلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان خىزمەت گۇرۇپپىسى

ياردەم سوراش جەريانى قانداق بولىدۇ؟

ياردەم تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرى تەكشۈرۈپ تەستىقلانغاندىن كىين، ياردەم سوراش باشلىنىدۇ، ياردەم قىلىش نەتىجىسى ئاممىغا ئىلان قىلىنىدۇ.بارلىق جەريان ئوچۇق-ئاشكارا بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئۈمىد ئ‍نسانپەرۋەرلىك مەركىزى ئۇچۇرلىرىنى نەدىن كۆرىمىز؟

ئۇيغۇر ئۈمىد تور بېلكىتى، سوتسيال مېدىيا ھېساۋاتى، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تور بېكىتى قاتارلىقلاردىن كۆرسڭىز بولىدۇ.

نىمە قىلىمىز؟

1-ياردەم ئۇچۇرى تارقىتىش: ياردەم تەلەپ قىلغۇچىلار نامىدا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلىمىز

2-ئۇچراشتۇرۇش: ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشى بىلەن ياردەم قىلغۇچىلارنى ئ‍ۇچراشتۇرىمىز

3-مەسلىھەت: ساھەلەر بويىچە مەسلىھەت بىرىدىغانلارنى تەۋسيە قىلىمىز.

4-تەكشۈرۈش: ئۇچۇرلار ۋە شەخسنىڭ راسلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە دەلىللەش

5-ياخشى ئ‍ش-ياخشى شەخسلەرنى تونۇشتۇرىمىز

بىز قولىمىزدىن كىلىشچە، ئاممىۋى ياردەم تەلەپ قىلىش ياكى مەسلىھەت بىرىش ئۈچۈن تىرىشمىز، ئەگەر ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار چىقمىسا، ئامالسز ئىكەنلىكىمىزنى ھازىر ئالدىن بىلدۈرىمىز.

قانداق تۈرلەردە ياردەم ياكى مەسلىھەتكە ئېرىشەلەيمەن؟

ھەر قانداق قيىنچلىقىتا قالغان ئۇيغۇرغا ياردەمگە سەپەرۋەر قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز: 

كونكىرىت تۈرلەر تۆۋەندىكىچە: 

1-ئېقتسادى قىينچىلىقى بار ئائىلىللەر

2-خىزمەت ئېھتىياجى

3-ئ‍ۆي ئېھتىياجى

4-لايىق ئېھتىياجى

5-كۆچمەنلىك ئېھتىياجى

6-قانۇنى ياردەم ئېھتياجى

7-داۋالىنىش ئېھتىياجى

8-مەدەنىيەت ئ‍شلىرى كوللىكتىپ ياردىمى

9-ياخشى ئ‍شلار،شەخسلەرنى تەشۋىق قىلىش

10-پسخىكىلىق ياردەم

11-مائارىپ ياردىمى

12-تەرەققىيات مەسلىھەتى 

13-تۇرمۇش مەسلىھەتى

14-يېمەك-ئىچمەك-كىيم-كىچەك ياردىمى

قانداق ياردەم سورايمەن؟

تور بېكىتىمىز ۋە ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ، نىمىلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقىمىزنى چۇشىنىڭ

بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

ھاجىتىڭىزنى توغرا، ئىخچام ۋە ئېىنىق چۈشەندۈرۈڭ

ئۆزىڭىزنىڭ راس بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ئ‍سپاتلاڭ

ئۇچۇرىمىزغا نەدىن ئېرىشەلەيسز؟

-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تور بېىتى

-سوسيال مېدىيا ھساۋاتىمىز

-تور بېتىمىز

-ئېمەيىل ئادېرسمىز

مۇلازىمەت ھەققى ئالامدۇق؟

ياق، ھىچقانداق ھەق ئالمايمىز، ھەقسز ئ‍شلەيمىز!

مۇلازىمەت ھەققى ئالامدۇق؟

ياق، ھىچقانداق ھەق ئالمايمىز، ھەقسز ئ‍شلەيمىز

مەن سلەر بىلەن قانداق ئالاقە قىلىمەن؟

ئېمەيىل:uyghurhope@gmail.com

تىلفون قىزىزىق لىنىيەسى

(ھازىرچە يوق) 

سوسيال مېدىيا:

@uyghurhope

تور بېكەت

www.uyghurhope.org

!ئىنكاس قالدۇرۇڭ

Your email address will not be published. Required fields are marked *